Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خەيدۇڭ مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرى
دۇنيا تارىخى
海东金石苑
hǎi dōng jīn shí yuàn
كىتاب نامى. چاۋشىيەندىكى مۇھىم مېتال تاش ئابىدىلەر توپلىمى. جۇڭگولۇق ليۇيەنتىڭ تۈزگەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاۋشىيەن ئالىملىرىن جىن جىڭشى، جىن مىڭشى، جاۋيىنيۈڭ قاتارلىقلار ئەلچى بولۇپ چاۋشيەننىڭ نۇرغۇنلىغان مېتال - تاش ئابىدە يازمىلىرىنىڭ نۇسخىسىنى ئېلىپ بېيجىڭغا كېلىپ، جۇڭگو ئالىملىرىغا تەقدىم قىلغان. 1831-يىلى (چىڭ سۇلالىسى داۋگۇاڭنىڭ 11-يىلى) ليۇيەننىڭ كۆپ يىللار داۋامىدا توپلىغان چاۋشيەن مېتال - تاش ئابىدىلىرى نۇسخىسىدىن مۇشۇ كىتابنى تۈزگەن، جەمئىي سەككىز جىلد. كېيىن يېغىلىقلار تۈپەيلىدىن چېچىلىپ كېتىپ، ئاران ئالدىنقى تۆت جىلدنى پن ۋىنچىن (بۇيىن) ساقلاپ قالغان، 1881-يىلى (چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 7-يىلى) جاڭ سۇڭپىڭ (دېرۇڭ)نەشر قىلىپ تارقاتقان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ليۇچېڭگەن كېيىنكى تۆت جىلدنى تېپىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، سەككىز جىلدنى تولۇقلىغان ھەمدە <تولۇقلىما> دېگەن ئالتە جىلد، <قوشۇمچە> دېگەن ئىكى جىلد بولۇپ، جەمئىي 16 جىلدنى 1922-يىلى نەشر قىلىپ تارقاتقان. ئۇ چاۋشيەن مېتال ـ تاش ئابىدە يېزىقلىرىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى، ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن، ئىزاھلىرى تەپسىلىي بولۇپ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.