Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خاتىرە دائىرىسى
پسىخولوگىيە
记忆广度
jì yì guǎng dù
بۇ «خاتىرە كەڭلىكى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ مەلۇم ماتېرىيال بىر قېتىم گەۋدىلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خاتىرىدە قالغان مىقدارىدىن ئىبارەت. خاتىرە دائىرىسى دېگەندە، بىر كىشىنىڭ بىر قېتىم ئۇچراتقان ماتېرىيالدىن ئۇنىڭ يادىدا قالغان ئەڭ چوڭ مىقدار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سەزگۈ دائىرىسى ئەڭ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىنىڭ مۇھىم پەزىلىتى. خاتىرە دائىرىسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتتا تولاراق رەقەملەرنى ئوقوتۇپ سىناش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ھازىر خاتىرە دائىرىسىدە ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ئوتتۇرا سان 2 ± 7 دىن ئىبارەت. خاتىرە دائىرىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، دائىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئاساسەن خاتىرە ماتېرىيالىنىڭ ئەھمىيىتىگە باغلىق بولماستىن سانىغا باغلىق بولۇشى. مەسىلەن: بىز بىر خىل تىلدىن بەش سۆز ۋە يەنە بىر خىل تىلدىن بەش سۆزنى ئەستە قالدۇرغان بولساق، نەتىجە ئوخشاش بولىدۇ.