Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خاتوياما ئىچىرو
دائىرە: دۇنيا تارىخى鸠山一郎
jiū shān yī láng
(1883 - 1959) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1954 - 1956). 1907 - يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىنى تۈگەتكەن. 1915-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. توكيو شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى، سىياسىي مەسلەكداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىش بېجىرىش باشلىقى، تانكاگىچى كابىنېتىنىڭ كاتىبات باشلىقى بولغان. ئىنوكائى كابىنېتى بىلەن سايتو ماكاتو كابىنېتىنىڭ مائارىپ ۋەزىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ياپونىيە لبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى (1945 - 1946)، ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى (1954 - 1955)، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى (1956)بولغان. ئۈچ نۆۋەت كابىنېت زۇڭلىسى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ <خاتومايائىچىرو ئەسلىمىلىرى> ناملىق ئەسىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.