Uyghurئاساسىي لۇغەت
خاتىب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆزلىگۈچى، سۆزلەشكۈچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆزلەشكۈچى، سۆزلىگۈچى؛ ئەرز قىلغۇچى، ئىلتىماس قىلغۇچى؛ تۇرمۇش قۇرۇشنى تەلەپ قىلغۇچى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، دىنىي ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. جۈمە كۈنى خاتىب مۇنبەردە تۇرۇپ، ئەگرى ھاسا تۇتۇپ خۇتبە ئوقۇشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جامائەت سورۇنلىرىدا ۋەز ئېيتىپ، نامازغا ئىمام بولغان چاھاريارلارنى شۇنداق ئاتىغان. شۇڭا ئەينى چاغدا بۇ سۆز داھىي دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش بولغان. كېيىن خاتىب مىراس قالىدىغان دىنىي ۋەزىپە بولۇپ، ئالىي ئىمامغا ۋاكالىتەن ئىمان ئېيتقانلارنى قوبۇل قىلغان. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1911- يىلىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ مەكتەبنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك ئوقۇشىدا ئىككى دەرىجىلىكنى ئوقۇپ بولغاندا خاتىبلىق ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش لاياقىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.