Uyghurئاساسىي لۇغەت
خاسد رۇبال
دۇنيا تارىخى
(1) (مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 221). كارفاگېن قوماندانى، خامىكار باركانىڭ كۈيئوغلى. مىلادىدىن 237 يىل ئىلگىرى خامىلكارغا ئەگىشىپ ئىسپانىيىگىچە بېرىپ، فېلوتقا قوماندانلىق قىلغان. مىلادىدىن 229 يىل ياكى 228 يىل ئىگىلىرى ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق كارافگېن ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. مىلادىدىن 228-يىل ئىلگىرى ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدا يېڭى كارفاگېن شەھىرىنى قۇرغان ۋە كۈچ توپلاپ رىم بىلەن تىركەشكەن. يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، ئورنىغا گاننىبال ۋارىسلىق قىلغان. (2) (مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 207) خامىلكار باركانىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى. ئاكىسى گاننىبال ئىتالىيىگە جازا يۈرۈش قىلغاندا، ئىسپانىيىنى ساقلاپ قالغان. گاننىبالنىڭ قوشۇن باشلاپ ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ئىتالىيىگە كىرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مىلادىدىن 207 يىل ئىلگىرى ئومبىرىيە تەۋەلىكىدىكى مېتائۇرۇس دەرياسى بويىدا رىم ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھالاك بولغان.