Uyghurئاساسىي لۇغەت
خاس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەخسۇس، ئالاھىدە، تېگىشلىك.
يېقىن كىشىلەر؛ ئىمتىيازلىق تەبىقە، يۇقىرى تەبىقە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر نەرسىگە ياكى بىر ئىشقا تېگىشلىك، مەخسۇس؛ ئەڭ يېقىن؛ يۇقىرى تەبىقە: خاس ئولماق - يېقىن بولماق، يېقىنلاشماق؛ خاس ئەتمەك - لايىق كۆرمەك، بەلگىلىمەك؛ خاس ۋە ئام - ئايرىم تەبىقە ۋە ئاممە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا ۋە بىرەر ئىدارىغا تېگىشلىك.
بۇرۇت تولغاش مۈشۈككە خاس قەدىمكى ھالدۇر، ساقال قويۇش ئەرلىك دېگەن، ئۆچكە مىسالدۇر. مەخسۇس ئىشقا كىشى.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
دۈشمەن. مەسىلەن:
يۈرگۈزمەيدۇ تەلگىشىپ،
ئۆز تۇققانلار خاس بولۇپ.
كۆڭلۈنۈ بۆلۈپ كەتتى، قارىنىداشتار يات بولۇپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
بىرەر كىشى ياكى شەيئىنىڭ ئۆزىدىلا بولىدىغان؛ باشقىلاردا يوق.
ئۇلار يېزا يىگىتلىرىگە خاس خىسلەت بىلەن پوكاندەك قىزىرىپ، بىلىنەر - بىلىنمەس كۈلۈمسىرەپ قويۇشتى.
بىرەر كىشىگە ياكى شەيئىگە قاراشلىق، تەۋە، تەئەللۇق؛ مەنسۇپ، مەخسۇس.
خاس كېنىزەك. خاس مېھمانخانا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. دۈشمەن، رەقىب.