Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خارتۇم باشلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
啄头目
zhuótóumù
يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپىدىكى ئەڭ قەدىمكى، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئىپتىدائىي تۈركۈمدىكىلەر. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى پېرم دەۋرى ۋە ترىئاس دەۋرىدە ياشىغان ھايۋانلار بولۇپ، ھازىر پەقەت بىرلا تۈرى قالغان، يەنى يېڭى زىللاندىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا يېقىن بەزى ئاراللاردا ياشايدىغان شىنا چىشلىق كەسلەنچۈك (Sphenodon punclatum). شەكلى كەسلەنچۈككە ئوخشايدۇ. بەدەن سىرتىدا مۈڭگۈز ماددىلىق تەڭگىچىلىرى بولىدۇ. باش سۆڭىكىدە ئىپتىدائىي شەكىلدىكى قوش چېكە ئويمىنى، بېشىدا بىر تۆپە كۆزى بولىدۇ. تۇمشۇقى قۇشلارنىڭكىگە ئوخشاش ئۇزۇن، ئۇچىغا ئۆسكەن چىشلىرى بولىدۇ، ئالدى - كەينى پۇتلىرىنىڭ ھەممىسى بەش بارماقلىق. ئومۇرتقا تەنچىسى ئىككى تەرەپتىن ئويمان، ئىچىدە قالدۇق خوردىسى بار، كلوئاكا تۆشۈكى توغرىسىغا ئېچىلغان، ئەركىكىنىڭ چېتىشىش ئورگىنى يوق. خارتۇم باشلىقلار ترىئاس دەۋرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئامېرىكا بىلەن ئافرىقىدا كۆپ، ئۇ يەرلەردىن خارتۇم باشلىق رىنخوزاۋر (Rhynchosaurus) نىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى تېپىلغان. ترىئاس دەۋرىدىن كېيىن كىچىكلەشكە يۈزلەنگەن. ھازىر ساقلىنىپ قالغان شىنا چىشلىق كەسلەنچۈك گېرمانىيە يۇرا دەۋرىدىكى گومۇئېسزاۋر (Hamoessaurus) غا ناھايىتى ئوخشايدۇ. كۆرۈشكە بولىدۇكى خارتۇم باشلىقلار 100 مىليون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن. ھازىر ساقلانغان سانى ئاز، ئەگەر مۇۋاپىق قوغدالمىسا ئۇرۇقى قۇرۇپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت.