Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خارتې
دۇنيا تارىخى
哈特
hā tè
(1836 - 1902) ئامېرىكا يازغۇچىسى نيۇ - يورك شتاتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1854-يىلى ئانىسىغا ئەگىشىپ كالفورنىيىگە كۆچۈپ كەتكەن. ئالتۇن چايقاش ئىشچىسى، مەتبەئە ئىشچىسى ۋە ئىدارە ئىش بېجىرگۈىچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1868 - 1870 - يىللىرى <چوڭ قۇرۇقۇق ئايلىق ژۇرنىلى> نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ىشلىگەن. 1868-يىل نام چىقارغان، ئەسىرى <چۇقانلىق لاگېردىكى تەلەيلىك بالا> نى ئېلان قىلغان. 1871 - 1878-يىللىرى نيۇ - يوركقا كۆچۈپ كېلىپ داۋاملىق يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1878 - 1885 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيە ۋە شوتلاندىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان، كېيىن ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ شۇ يەردە ئۆلگەن. ھېكايە يېزىش ماھارىتىگە پىششىق، رېئاللىق بىلەن فانتازىيىنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر، ئەسەرلىرىدە يۇمۇرلۇق ھېسسىيات كۈچلۈك بولۇپ، ئالتۇن چايقاش ئىشىچلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. پۇلنىڭ چىرىتىش رولى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ ئېىكسپىلاتاتسىيە ۋاسىتىسى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ساتىرىك شېئىرلىرى بار.