Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خارىس پاپىرۇسلىرى
دۇنيا تارىخى
哈里斯大纸草
hā lǐ sī dà zhǐ cǎo
قەدىمكى مىسىردىكى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئەڭ ئۇزۇن ساقلىنىپ كەلگەن ھاكىمىيەت ھۆججەتلىرىنىڭ قول يازمىسى. 1855-يىلى مۇجنىت خوب ( تېبېسنىڭ ئەتراپى) ئەتراپىدىكى بىر قەبرىدىن تېپىلغان، ئەنگلىيىلىك خارىس دېگەن ئادەم تاپقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 77-پارچە پاپىرۇس قەغەز شىلىم بىلەن چاپلىنىپ بىر تۈرۈك قىلىنغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40 مېتىر كېلىدۇ. تېكىستى يېڭى مىسىر تىلىدا بولۇپ، راھىبلار ئېروگېلىفى بىلەن يېزىلغان، ئىچىدە رەڭلىك قىستۇرما سۈرەتلەر بار بولۇپ، فىرئەۋىنلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنەەن. رامسېس Ⅲ نىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ سۇيىقەستچىلەر تەرىپىدىن قەست قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى رامسېس Ⅳ سۇيىقەستچىلەرنى باستۇرۇپ، روھانىيلار بىلەن بىرلىشىپ خانلىق ئورۇننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، دادىسى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق سوۋغاتلىرى (ئىبادەتخانا مۈلكى) نى ئېنىق يېزىپ روھانىيلارغا بەرگەنلىكى ھۆججەتتە كۆرسىتىلگەن. ئەسلى تېكىستى ئالتە قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ قىسمىدا پادىشاھنىڭ مىسىردىكى ئۈچ شەھەرنىڭ ئىلاھىغا، يەنى تېبېس شەھىرىدىكى پۇتا ئىلاھى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىغا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى خاتىرىلەنگەن. تۆتىنچى قىسمىدا سانلار جەملەنگەن. ئالتىنىچى قىسمىدا ئون توققۇزىنچى سۇلالىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مىسىردا يۈز بەرگەن توپىلاڭ بىلەن رامسېس Ⅲ نىڭ پادىشاھ بولغان مەزگىلىدىكى خاتىرجەملىك خاتىرىلەنگەن. بۇ قول يازما مىسىردىكى يېڭى پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىقتىساد تارىخىغا ئائىت پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىقتساد تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئەسلى نۇسخىسى لوندون برىتانيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا.