Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خاررىس
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
哈里斯〈英、加、美〉
hā lǐ sī 〈yīng 、jiā 、měi 〉
دۇنيا تارىخى
哈时里斯
hā shí lǐ sī
(1835 - 1909) ئامېرىكدا پېداگوگى، ئىدېئالىست پەيلاسوپى. كوننېستكوت شتاتىدا تۇغۇلغان. يېل داشۆسىدە ئوقۇغان. 1857-يىلىدىن باشلاپ سانت لۇئىس مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق ىىلغان، 1868 - 1880 - يىللىرى قوشما شتات ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ئەزاسى بولغان. ئامېرىكىدا دۆلەت باشقۇرشىدىكى تۇنجى بالىلار باغچىسىنى قۇرغان. باشلانغۇچ مەكتپەنىڭ دەرسلىكلىرىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تولۇقلاپ ۋە راۋاجلاندۇۇرپ، ئوقۇ - ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگەن. ئۇ گېگېل پەلسەپىسىنى ئامېرىكىدا ئەڭ بۇرۇن تارتقان. ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى گېرمانىيىلىك بروكمېيېر (1826 - 1906) بىلەن <سانت لۇئىس پەلسەپە ئىلمىي ئېقىمى> نى تەسىس قىلغان. 1867 - 1893 - يىللىرى <دەستەكچىلىك پەلسەپىسى ژۇرنىلى> تەسىس قىلىپ گېگېلنىڭ ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزمىنى تەشۋىق قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ پەلسەپە ئىلمىي ئېقىملىرىنى تونۇشتۇرغان. <ۋېبوست يېڭى خەلقئارا لۇغىتى> نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇنىڭدەك <ئاپوردون خەلقئارالىق مائارىپ جەجمۇئەسى> نىڭ تەھرىرلىكىگە مەسئۇل بولغان. <پەلسەپە تەتقىقاتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان>، <مائارىپنىڭ پسىخولوگىيىلىك ئاساسى> قاتارلىق كىتابلىرى بار.