Uyghurئاساسىي لۇغەت
خاردى ۋېنبېرگ قانۇنى
بىئولوگىيە
توپ گېنېتىكىسىدىكى ئاساسىي قانۇنىيەت. مۇتاتسىيىلەنمەيدىغان، يۆتكەلمەيدىغان، تاللاش رولى بولمىغان، ئىختىيارىي چېتىشىدىغان چەكسىز چوڭ توپلامدا گېن چاستوتىسى ۋە ئىپادىلىنىش چاستوتىسى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۆزگەرمەيدۇ. بىر جۈپ تەڭ ئورۇنلق گېن A ۋە a نىڭ ئەھۋالىنى ئويلاشقاندا، كۆپىيىش ھۈجەيرىسىدىن كەلگەن A ۋە a نىڭ چاستوتىسى ئايرىم ئايرىم ھالدا p ۋە q بولىدۇ.