Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خاردىڭ
دۇنيا تارىخى
哈定
hā dìng
-1865- 1923( ئامېرىكا زۇڭتۇڭى مەركىزىي شۆيۈەندە قانۇن ئوقۇغان. كېيىن گېزىتچىلىك بىلەن شۇغۇللاغان. 1899 - 1902-يىللىرى ئوخىئو شتاتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان. 1903 - 1905 - يىللىرى ئوخىئو شتاتىنىڭ مۇئاۋىن شتات باشلىقى بولغان. 1519 - 1921 - يىللىرى كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغان. 1920 - يىلى <نورمال ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش> شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1921 - 1922 - يىللىرى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي تەييارلىقلىرىنى چەكلەش ۋە يىراق شەرق شۇنىڭدەك تېچ ئوكيان رايونلىرى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ۋاشىنگتون يىغىنى چاقىرىپ <تۆت دۆلەت ئەھدىنامىسى>، <بەش دۆلەت ئەھدىنامىسى> ۋە <توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى> نى تۈزۈپ، <ۋاشىنگتون سىستېمىسى> نى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللىرى ئەمەلدارلارنىڭ خيانەت - نەپسانىيەتچىىكى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. 1923 - يىلى 8-ئايدا ئالياسكىدىن سەپەرگە چىقىپ ۋە نۇتۇق سۆزلەپ قايتىپ كېلىۋاتقىنىدا سان - فرانسىسكودا ئۇشتۇمتۇت قازا تاپقان.