Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خاراكتېرنىڭ ئىرادە ئالاھىدىلىكى
پسىخولوگىيە
性格的意志特征
xìng gé de yì zhì tè zhēng
بۇ مۇرەككەپ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ بىر تەرىپى بولۇپ، كىشىنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭلىق تەڭشەش ئۇسۇلى ۋە سەۋىيىسى جەھەتتىكى شەخسىي خاركتېرلىك ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت. ئۇ تۆت جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ: (1) بىر كىشى ھەرىكىتىدە ئېنىق نىشان بولۇشىدا ۋە ھەرىكىتىنى ئىجتىمائىي قېلىپ بىلەن چەكلەشتىكى ئىرادە ئالاھىدىلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: مۇستەقىلىچانلىق، مەقسەتلىك، تەشكىلچانلىق، ئىنتىزاملىق، شىجائەتلىك، قارىغۇلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق قاتارلىقلار؛ (2) كىشىنىڭ ھەرىكىتىدە، ئاڭلىق تىزگىنلەش سەۋىيىسىدىكى ئىرادە ئالاھىدىلكىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: تەشەببۇسكارلىق، ئۆزىنى تۇتۇش كۇچى قاتارلىقلار؛ (3) كىشىنىڭ جىددىي ياكى قىيىن شارائىتتىكى ئىرادە ئالاھىدىلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن: قەتئىيلىك، كەسكىنلىك، باتۇرلۇق، قەيسەرلىك قاتارلىقلار؛ (4) كىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەتكە نىسبەتەن تۇتقان ئىرادە ئالاھىدىلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن: ئېگىلمەسلىك، چىڭلىق قاتارلىقلار.