Uyghurئاساسىي لۇغەت
خاراكتېرنىڭ ئاقىلانىلىك ئالاھىدىلىكى
پسىخولوگىيە
بۇ خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىر تەرىپى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سەزگۈ - ئىدراك، خاتىرە، تەپەككۇر ۋە خىيال جەھەتلەردە تونۇشتىكى ئىندىۋىدۇئال پەرقنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت. يەنى، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىدا ئىپادىلەنگەن ئىندىۋىدۇئال پەرقلەردىن ئىبارەت. سەزگۈ - ئىدراك جەھەتتە بەزىلەرنىڭ ئىدراكى ھۆكۈمى بىلەن ئانالىزىغا شارائىت ئۇچۇرلىرى ئوڭايلىقچە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن كۆزىتىدۇ ۋە ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ ئاكتىپ كۆزىتىش تىپى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلەر رۇشەن ھالدا شارائىت تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ پاسسىپ سەزگۈ - ئىدراك تىپى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلەر كۆزەتكەندە، ئالاھىدە ئۇجۇر - بۇجۇرىغىچە دىققەت قىلىدۇ. بۇ ئانالىز تىپى دەپ ئاتىلىدۇ؛ شەيئىلەرنىڭ پۈتۈنلۈكى، ئومۇمىيىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلار ئومۇملاشتۇرۇش تىپى دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بەزىلەر داۋاملىق كۆزەتمەيدۇ، بۇ تېز تىپ دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ كۆزىتىشىدە ئۆتكۈر، لېكىن پۇختا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ئىپادىلىنىدۇ. بۇ توغرا تىپ دەپ ئاتىلىدۇ. خىيال جەھەتتە ئاكتىپ خىيالى تىپى ۋە پاسسىپ خىيال تىپى، تار خىيال تىپى ۋە كەڭ خىيال تىپلىرى بار. تەپەككۇر جەھەتتە بەزىلەر مۇستەقىل سۇئال قويالسا، بەزىلەر سۇئالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تەييار جاۋابقا يۈگرەيدىغان بولىدۇ. بەزىلەر ئانالىز - سنتىزلەشكە ئامراق بولىدۇ. مانا بۇلار تەپەككۇر جەھەتتىكى تىپلاردۇر.