Uyghurئاساسىي لۇغەت
خاقان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پادىشاھ، شاھلار شاھى، خانلار خانى، ئىمپېاتور:
چۇ خاقان ئەزىمەت قىلىپ ئوغرادى،
سىپاھى ئانىڭ ئارقادىن پۇترادى. ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلىق _ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى.
ئالدىنقى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر ھۈكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى؛ ئىككىنچى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمرۈنلارنىڭ ئاتىلىشى؛ ئۈچىنچى چېكى
خان _ قوزۇق، پۇقرا _ ئوزۇق. ئۆردەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. بەگ بىلەن ئېلىشما، دەرەخ بىلەن چېلىشما. بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشاتاي. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. بالا بۆشۈكىدىن يىقىلغۇچە، شاھ تەخىتتىن غۇلىسۇن. ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارىخ
ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي خەلقلىرىدىكى بۈيۈك دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇنۋانى ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغان ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئىگە شەخس؛ ئۇلۇغ خان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پادىشاھ، خاقان. قەدىمكى تۈركلەر ۋە موڭغۇللار قوللانغان شاھلىق ئۇنۋانى.