Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خانلىق قۇل
دائىرە: دۇنيا تارىخى座上
zuò shàng
ۋىيتنامدىكى چىن سۇلالىسى (1225 - 1400) نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى بىرخىل قۇل - دېدەك. ئۇ چاغدا قول - دېدەكلەرنىڭ سانى كۆپ بولغان، خان جەمەتى قۇللىرىنىڭ يۈزىگە <خانلىق قۇل> دېگەن خەت چېكىلگەن، بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ - گۇڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قۇل - دېدەكلىرىدىكى <خېنيى قۇل> دېگەن بەلگىدىن پەرقلەندۈرۈلگەن. ئۇلار ئۆي ئىشلىرىدىن باشقا، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغىمۇسېلىنغان، ئورنى تۆۋەن بولۇپ، ھۈرلەر بىلەن نىكاھلىنىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. قارشىلىق قىلغانلار ئۆلتۈرۈلگەن. قاچقانلارنىڭ پۇت - قوللىرىنىڭ بارماقلىرى كېسىلگەن ياكى پىلغا دەسسىتىشكە ئوخشاش جازالارغا تارتىلغان. بۇ ۋيېتنامدىكى فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى ئېغىر ھالدىكى قۇللۇق تۈزۈم قالدۇقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.