Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خامىلكار باركا
دۇنيا تارىخى
哈米尔卡.巴卡
hā mǐ ěr kǎ .bā kǎ
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 270 - 229 ياكى 228) كارفاگېننىڭ قوماندانى. باركا - چاقماق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 264 - 261) دا كارفاگېن فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، جەنۇبىي ئىتالىيە ۋە سىتسىلىيە ئارىلىدا رىم بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىچكى جەھەتتە ياللانما قوشۇنلىرىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرغان (مىلادىدىن 238 يىل ئىلگىرى). مىلادىدىن 237 يىل ئىلگىرى ئوغلى گاننىبالنى ئېلىپ، دېڭىزدىن ئۈتۈپ ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلغان ۋە شۇ يەرنىڭ بايلىقى (كۈمۈش كېنى) دىن پايدىلىنىپ، ھەربىي كۈچ توپلاپ، رىم بىلەن ئېلىشىشقا تەييارلىق كۆرگەن. ئۆلگەندىن كېيىن، كۈيئوغلى خاسىدرۇبال ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان.