Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خالتىلىق سپورا مېۋىسى
دائىرە: بىئولوگىيە子囊果
zǐnángguǒ
خالتا سپورىلىق زەمبۇرۇغلار سىنىپىدىكى زەمبۇرۇغلارنىڭ خالتىلىق سپورا خالتىسىنى ھاسىل قىلىدىغان خالتىلىق سپورا تىنى. ئۇ خالتىلىق سپورىنى ھاسىل قىلىدىغان خالتىلىق سپورا خالتىسى، خالتىلىق سپورا خالتىسىنى ھاسىل قىلىدىغان زەمبۇرۇغ يىپى ۋە سىرتىدىن ئوراپ تۇرىدىغان زەمبۇرۇغ يىپى تەنچىدىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ شەكلى شارسىمان، تولۇق ھىملەنگەن بولۇپ پىشقاندا يېرىلىدىغانلىرى يېپىق خالتا قاسىراقلىق ياكى سپورا خالتا شارچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئاسپېرگىلىن كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغى؛ شەكلى بوتۇلكىسىمان ياكى خالتىسىمان بولۇپ، ئۇچىدىن تۆشۈك ئېچىلىدىغانلار سپورا خالتا قاسىرىقى ياكى سپورا خالتا بوتۇلكىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، باشاق مۈڭگۈزى؛ شەكلى تەخسىسىمان، چىنىسىمان ياكى ۋارونكىسىمان بولۇپ، چوققىسىدىن ئازراق ئېچىلىدىغىنى سپورا خالتا تەخسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، چوغسىمان يىپلىق زەمبۇرۇغى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.