Uyghurئاساسىي لۇغەت
خالىرىك
پسىخولوگىيە
بۇ تېمپېرامېنت تىپلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سېزىمچانلىقى تۆۋەن، چىداملىقلىقى يۇقىرى، ئىنكاس تېز، ئىنكاسنىڭ ئىختىيارسىزلىقى ئېنىق، كەيپىياتتا ھاياجانلىنىشى يۇقىرى، قوزغىلىش جەريانى ئۈستۈن ئورۇندا بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىپادىسى مۇنداق: تىمەن، ھەرىكىتى تېز، قىزغىن، تۈز كۆڭۈل، ئوڭاي ھاياجانلىنىدىغان، روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگىرىش كۈچلۈك، ئۆزىنى ئوڭاي تۇتۇپ ئالالمايدىغان، پسىخىك پائالىيىتى سىرتقا مايىل بولىدۇ.