Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خابىسبۇرگ سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
哈布斯堡王朝
hā bù sī bǎo wáng cháo
ياۋروپا تارىخىدا ئۆتكەن سۇلالە. خابىسبۇرگ (<بۈركۈت قەلئەسى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ھازىرقى شۋېتسارىيىنىڭ شىمالىدا) گرافى رودولف Ⅰ تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى (1273 - 1438، 1438 - 1806)، ئىسپانىيە پادىشاھلىق (1516 - 1700)، ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى (1804 - 1867)، ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى (1867 - 1918) شۇنىڭدەك بەزى كىچىك پادىشاھلىق ۋە كىنەزلىكلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئاساسلىق كورۇل ياكى ئىمپېراتورلاردىن مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلس Ⅴ، ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ، Ⅱ، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېراتورى مارىيەترىشا ۋە فرانىس يوسىف Ⅰ، ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېراتورى چارلېس Ⅰ قاتارلىقلار ئۆتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى گۇمران بولۇپ، بۇ سۇلالىگە خاتىمە بېرىلگەن.