Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
无意注意
مائارىپ
wú yì zhù yì
ئاڭسىز دىققەت
پسىخولوگىيە
ئاڭسىز دىققەت
(ئىختىيارسىز دىققەتمۇ دېيىلىدۇ)
بۇ ئالدىن بەلگىلەنگەن مەقسىتى يوق، ئىرادە تىرىشچانلىقىنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق دىققەتتۇر. مەسىلەن: دەرس ئۆتۈۋاتقاندا بىرسى ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلسە، ھەممەيلەن ئىختىيارسىز ھالدا شۇ تەرەپكە بۇرۇلۇپ قارىشىدۇ. مانا بۇ ئاڭسىز ياكى ئىختىيارسىز دىققەتتۇر.
ئاڭسىز دىققەتنى قوزغايدىغان سەۋەبلەر ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى ئوبيېكتىپ غىدىقلىغۇچىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى (غىدىقلىغۇچىنىڭ كۈچى؛ غىدىقلىغۇچلار ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما مۇناسىۋەتلەر؛ غىدىقلىغۇچىنىڭ ھەرىكەتلىك ۋە ئۆزەرىشچانلىقى شۇنىڭدەك غىدىقلىغۇچىنىڭ يېڭى ۋە غەلىتىلىكى)؛ يەنە بىرى، كىشىنىڭ سۇبيېكتىپ ھالىتى (شەيئىگە بولغان ئېھتىياجى، قىزىقىشى ۋە پوزىتسىيىسى؛ كىشىنىڭ شۇ جايدىكى كەيپىياتى ۋە روھىي ھالىتى قاتارلىقلار)، ئەمەلىي تۇرمۇشتا كۆپىنچە يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىرلىشىپ رول ئوينايدۇ.