Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
五一税
دۇنيا تارىخى
بەشتىن بىر باج
(1)ⅩⅥئەسىردىن ⅩⅧئەسىرگىچە، ئىسپانىيە خان ئوردىسىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى مۇستەملىكىلىرىدىكى كانچىلىقتىن باج ئېلىش تۈزۈمى. 1504-يىلى ئېلان قىلىنغان. خان ئوردىسى كانلارنى ئىجارىگە ئالغان مۈلۈكدارلارغا ئۇلارنىڭ قېزىۋالغان ئالتۇن، كۈمۈش، يېشىل قاشتېشى قاتارلىقلارنىڭ قىممىتىنىڭ بەشتىن بىرىنى باج نىسبىتى قىلىشنى، قېزىۋېلىنغان ئالتۇن، كۈمۈشلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ تىللاتەڭگە ياساش زاۋۇتى ياكى تاۋلاش زاۋۇتلىرىغا ئەۋەتىلىپ تەكشۈرۈلۈشى ۋە تاۋلاپ تامغىلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەشتىن بىر باج تۆلەپ بۆلۈنۈشى كېرەك دەپ بەلگىلىگەن. كان ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەرخىل رايون ۋە ھەرخىل مەزگىللەردە باج نىسبىتى دائىم كېمەيتىلىپ تۇرۇلغان. (2)ⅩⅧئەسىردە پورتۇگالىيە خان ئوردىسىنىڭ ئۆز مۇستەملىكىسى برازىلىيە كانچىلىقىغا قوللانغان بىرخىل باج تۈزۈمى، 1729-يىلى پورتۇگالىيە خان ئوردىسى بىرازىلىيىدىكى بارلىق كان بايلىقىنى <ئۆزىنىڭ ئايرىلماس مۇقەددەس مۈلكى> دەپ جاكارلاپ، ئالتۇن كېنى قازغانلار قېزىۋالغان ئالتۇننىڭ بەشتىن بىرىنى پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن.