Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
梧桐
بىئولوگىيە
جۇڭگو چىنارى
يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، ستېركول دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دەرەخ تاجى يۇمىلاق، قوۋزىقى سىلىق، كۈل رەڭ يېشىل بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، 3 - 6 گىچە ئالىقانسىمان تېيىز ياكى چوڭقۇر يېرىلىدۇ، كەڭلىكى 30 سانتىمېتر بولۇپ، ئۈستۈنكى يۈزىدە ئاساسەن تۈكچىلەر بولمايدۇ، ئاستىنقى يۈزىدە يۇلتۇزسىمان قىسقا، يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ، يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزنلۇقى يوپۇرماق ئالقىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن تەڭ كېلىدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتىنى يۇمشاق تۈك ئوراپ تۇرىدۇ. گۈل تاق جىنىسلىق، ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ، گۈلتاجى ياپراقچىسى بولمايدۇ. مېۋىسى غۇنچىسىمان مېۋە بولۇپ، پىشقاندا يوپۇرماققا ئوخشاش ئېچىلىدۇ، ئۇرۇقى گىرۋىكىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ، شار شەكىللىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگو بولۇپ ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ، ياپونىيىدىمۇ بار. دەرەخ غولى تىك ئۆسىدۇ، ئۆسۈشى تېز، ئادەتتە ھويلا ئاراملارغا تىكىلىدۇ؛ تۇپراق قەۋىتى قېلىن، نەم تۇپراقتا ئۆسىدۇ. ياغىچىدىن چالغۇ ئەسۋاب ياكى ئۆي سايمانلىرى، قوۋزاق تالاسىدىن قەغەز، ئارغامچا ياسىلىدۇ؛ ئۇرۇقىنى قورۇپ يېيىشكىمۇ، ماي تارتىپ مېيىنى سوپۇن ياساش ۋە سىلىقلاشتۇرغۇچى ماي ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ؛ يوپۇرماق، گۈل، يىلتىز ۋە ئۇرۇقلىرى دورىغا قوشۇلىدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەپ زەھەر قايتۇرۇش، نەملىكنى ھەيدەپ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
يېزا ئىگىلىك
wú tóng
جۇڭگو چىنارىDئۆسۈملۈك
wú tóng
فىرمان دەرىخى، ستېركۇل دەرىخى، جۇڭگو چىنىرى، چىنارDئۇنىۋېرسال
wú tóng
سېرىق چۇمچۇق
Dئورمانچىلىق
wú tóng
فىرمئان دەرىخى، توغراق چىنار، ستېركۇل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
چىنار
بۇ چىنار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، چىنارغا ئۇرۇقداش يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ،
يوپۇرمىقى چوڭ، ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ؛ گۈلى سارغۇچ يېشىل، مېۋە باشىقى شار شەكىللىك بولۇپ، خۇددى كولدۇرمىدەك ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، يول
بويلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ياغىچى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
دورىغا بۇ دەرەخنىڭ يوپۇرمىقى، مېۋىسى، قوۋزىقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە مېۋىسى، يوپۇرمىقى، قوۋزىقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ،
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆللۈكلىرىدە ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق، مېۋە پوستى قۇرۇق سوغۇق.
بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش، بەرەس ۋە ھۆل جاراھەتلەرنىڭ پۇرىقىنى يوقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش،
ئىششىق ياندۇرۇش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
چىنارنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى پىشۇرۇپ، ئېزىپ كۆزگە چېپىپ بەرسە، كۆز ئىششىقىنى تارقىتىپ، كۆزگە قۇيۇلىدىغان ھۆللۈك ۋە كۆزدىن
ئاقىدىغان سۇلارنى توختىتىدۇ.
چىنارنىڭ ھۆل قوۋزىقىنى سىركىدە قاينىتىپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، چىش ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
چىنارنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە ھۆل جاراھەتلەر ۋە ئوتتا كۆيگەن كۆيۈككە سەپسە، مەنپەئەت
قىلىدۇ.
چىنارنىڭ كۆيدۈرۈلگەن قوۋزىقىنى سوقۇپ، بەدەنگە چېپىپ بەرسە، بەدەننى پارقىرىتىپ، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ.
چىنارنىڭ ھۆل مېۋىسىنى شاراب بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلار چاققان زەھىرىنى يوقىتىدۇ.
چىنارنىڭ يوپۇرماق ۋە مېۋىسىنى چاۋا ياغ بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئوتتا كۆيگەن كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ.