Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
乌提卡
دۇنيا تارىخى
ئۇتىكا
شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمىي شەھەر. كارفاگېن قولتۇقىنىڭ (بۈگۈنكى تۇنىس قولتۇقى) شىمالىي تەرىپىگە، ئوتتۇرا دېڭىزغا قويۇلىدىغان باگراداس دەرياسى (بۈگۈنكى مېدجېرا دەرياسى) ئېغىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى كارفاگېن شەھىرىگە شەھىرىگە 25 كىلومېتىر كېلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى) فېنكىيانلار تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان. بۇ شەھەرنىڭ يەر تۈزۈلۈشى قولايلىق، تەبىئىي پورتلىرى بولغانلىقتىن ناھايىتى تېزلا شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئاساسلىق سودا شەھىرىگە ئايلىنپ قالغان. شۇنداقلا مۇھىم ستراتېگىيىلىك قىممەتكە ئىگە بولغان. كارفاگېن زېمىنىدا بۇ شەھەر بەلگىلىك مۇستەقىللىككە ئىگە بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا رىم قوماندانى سىكپىسىئو ئافرىكانۇس مۇشۇ يەردىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ (مىلادىدىن 204 يىل ئىلگىرى) كارفاگېنغا ھۇجۇم قىلغان. ئۈچىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرى 149 - 146 - يىللىرى) ئوتىكا رىمنى قوللىغان، ئۇرۇشتىن كېيىن رىم ئافرىقا ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 64 - يىلى پومپېيۇسچىلار كائېسارغا قارشى چىقىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ماركۇس پوركىئوس كاتو مۇشۇ يەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. مىلادى 439 - يىلى ۋانداللارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. 534 - يىلى شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بېسىۋالغان. Ⅷ ئەسىردە ئەرەبلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
wū tí kǎ
ئۇتىكۋې