Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
乌鲁克
شىنجاڭ يەر - جاي ناملىرى
wū lǔ kè
(لوپنۇر ناھىيىسى)
جاي نامى
ئۇلۇغكۆل
دائىرە: دۇنيا تارىخىئۇرۇك
(ئېرىك) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېسوپوتامىيىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى سومېرلارنىڭ قەدىمكى شەھىرى. ئېفرات دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ غەربىي قىرغىقى، بۈگۈنكى ئىراق تەۋەلىكىدە. تەخمىنەن مىلادىدىن 0034 - 3100 يىل ئىلگىرىكى يىللىرى، سۇمېرلار بۇ يەردە ئۇرۇك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، مىس قوراللار، رەڭلىك ساپال ئىشلەپ چىقارغان شۇنداقلا تەسۋىرى يېزىق مەيدانغا كەلگەن. سىنىپىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىخلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىغان. كېيىن دەسلەپكى ئۇرۇك دۆلىتىنىڭ ۋە دىننىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە گىلگامېش ئەڭ ئاۋۋال بۇ يەردە شەھەر قۇرغانىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩⅣ ئەسىردە ئومما پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. كېيىن ئاققاد پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا يەنىلا ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى مۇھىم شەھر بولغان. مىلادى Ⅲ ئەسىردىكى ساسانىيلار خاندانلىقى دەۋرىدە خانىۋەيران قىلىۋېتىلگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇرۇك قەدىمىي شەھىرىنى قېزىش ئىشى باشلىنىپ، بۇتخانا قاتارلىق ئىمارەتلەرنىڭ خارابىلىرى ۋە ھەرقايسى دەۋرلەرگە ئائىت كۆپ خىل سايمانلار قېزىۋېلىنغان.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىwū lǔ kè
ئۇرۇك
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.