Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
乌尔汗
دائىرە: دۇنيا تارىخىئورخان
(1288 - 1359) ئوسمان ئىپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى. ئوسماننىڭ ئوغلى. 1326 - يىلى دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئەمىر بولغان. شۇ يىلى ۋىزانتىيىنىڭ قولىدىن بۇرسانى تارتىۋېلىپ، پايتەخت قىلغان. 1329 - يىلى پېلېكانوندا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئاندرونىكۇس Ⅲ (1328 - 1341) نى مەغلۇپ قىلغان. كەينىدىنلا نىسىيا (بۈگۈنكى ئىزنىك) ۋە نىكومېدىيە (بۈگۈنكى ئىزمىر) نى ئىشغال قىلىپ، ۋىزانتىيىنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىگىلىۋالغان. 1345 - يىلى قوشۇنلىرىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ، جوئاننېس Ⅵ (كانتاكوزېنى) نىڭ ۋىزانتىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن، ئۇنىڭ قىزى تىئوداورانى خوتۇنلۇققا ئالغان. 1354 - يىلى گاللىپولىنى (بۈگۈنكى گېلىبول) تارتىۋېلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بالقان رايونىغا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىكى تايانچ پونكىت قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.