Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
乌得勒支和约
دۇنيا تارىخى
ئۇترېچ سۈلھ شەرتنامىسى
ئىسپانىيىدىكى تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشلىرىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بىر قاتار قوش تەرەپ سۈلھ شەرتنامىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. گوللاندىيىنىڭ ئۇترېچ شەھىرىدە ئىمزالانغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇلار: فرانسىيە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەنگلىيە، گوللاندىيە، پرۇسسىيە، ساۋوييە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن سۈلھ شەرتنامىسى (1713 - يىلى 4 - ئاي)؛ ئەنگلىيە - ئىسپانىيە سۈلھ شەرتنامىسى (1713 - يىلى 7 - ئاي)؛ ئىسپانىيە - ساۋوييە سۈلھ شەرتنامىسى (1713 - يىلى 7 - ئاي)؛ ئىسپانىيە - گوللاندىيە سۈلھ شەرتنامىسى (1714 - يىلى 6 - ئاي)؛ ئىسپانىيە - پورتۇگالىيە سۈلھ شەرتنامىسى (1715 - يىلى 2 - ئاي) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيە 1714 - يىلى 3 - ئاي ۋە 9 - ئايدا <راستات سۈلھ شەرتنامىسى> ۋە <بادېن سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. <ئۇترېچ سۈلھ شەرتنامىسى> دا: ھەرقايسى دۆلەتلەر بوربون خان جەمەتىدىن بولغان فېلىپنى ئىسپانىيىنىڭ كورۇلى دەپ ئېتىراپ قىلىش، لېئۇ ۋە ئۇنىڭ تەخت ۋارىسلىرى فرانسىيىنىڭ كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆتەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. ئەنگلىيە ئىسپانىيىنىڭ جەبىلتارىق، مىنوركا ئاراللىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان، شۇنداقلا ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىدە مەخسۇس نىگېر قۇللارنى سېتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن (قەرەلى 30 يىل)؛ شىمالىي ئامېرىكىدىكى نيۇفاندلېند، ئاكادىيا ۋە ھۇدزون قولتۇقى قاتارلىق فرانسىيە ھامىيلىقىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولۇۋالغان. ئىسپانىيە يەنە ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى لومباردىيە، نېئاپول، ساردىن ۋە جەنۇبىي نېدېرلاندىيە قاتارلىق جايلارنى ئاۋسترىيىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبور بولغان. سىتسىلىيە ساۋويىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. سۈلھ شەرتنامە ئەنگلىيىنىڭ دېڭىزدىكى ۋە مۇستەملىكە يەرلىرىدىكى ھوقۇقىنى ناھايىتى كۈچەيتىۋەتكەن. فرانسىيىنىڭ ياۋروپاغا زومىگەرلىك قىلىش ۋەزىيىتى ئاياغلاشقان.