Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
吴陛起义
دائىرە: دۇنيا تارىخىۋوبى قوزغىلىڭى
ۋيېتنامنىڭ چىن سۇلالىسى دەۋردىكى دېھقان ۋە قۇل - دېدەكلەر قوزغىلىڭى. 1344 - يىلى ۋوبى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنفۇشەن (ھازىرقى خەيشىڭجىڭمىن) نى ئىشغال قىلغان. قوزغىلاڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خان - خوجىلارنىڭ سۇيۇرغاللىق قورۇقلىرىدىن قېچىپ چىققان قۇل - دېدەكلەر بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. 1358 - يىلى قايتا قوزغىلىپ ۋوبى پادىشاھ بولۇپ <نامراتلارنى قۇتقۇزايلى> دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. تيەنلياۋدىن جىلىڭ ئەتراپىغا قەدەر بولغان جايلارنى تىزگىنلىۋالغان. 1360 - يىلى قوزغىلاڭ ئاخىرى باستۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.