Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
文艺复兴
دۇنيا تارىخى
ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى
ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە تەرەققىياتىدىكى بىر مەزگىل (ⅩⅣئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە). بۇ سۆزنىڭ مەنبەسى فرانسۇزچە ېنائىترې بولۇپ ئەسلى مەنىسى <قايتا تىرىلىش> دېگەنلىك بولىدۇ. ئىتالىيە سەنئەت تارىخچىى ۋاسىلى ئۆزىنىڭ <رەسساملىق، ئويىمىچىلىق، بىناكارلىق ساھەسىدىكى مەشھۇر ئادەملەر تەزكىرىسى> دېگەن ئەسىرىدە مۇشۇ دەۋر ئەدەبىيات - سەنئەت ھەرىكىتىنىڭ ئالاھدىلىكىنى <قايتا تىرىلىش> دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلىغان. ⅩⅣ ئەسىردىكى بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بۇ ئۇقۇمغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەدەبىيات سەنئەت يۇنان، رىمنىڭ قەدىمىي دەۋرىدە يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەن، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ يوقالغان. مۇشۇ دەۋرگە كەلگەندىلا <قايتا تىرىلگەن> ياكى <قايتا گۈللەنگەن> دەپ قارىغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. بىراق بۇ ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت كلاسسىك مەدەنىيەتنىڭ ئاددىيلا ئەسلىگە كېلىشى بولماستىن، بەلكى بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتە فىئوداللارغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ ئىنكاسى. شۇڭا بۇ نام <بۇ دەۋرنى تولۇ ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن> (<ماركسىزم - لېنىنىزم ئەسەرلىرىدىن تاللانما> <پەلسەپە>. مىللەتلەر نەشرىياتى 1990-يىل نەشرى، 219-بەت). ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئىتالىيىدە باشلانغان، كېيىن گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە ۋە نېدىرلاندىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرە كېڭەيگەن. ⅪⅤ ۋە ⅤⅩ ئەسىرلەردە شەھەر تاۋار ئىقتىسادى راۋاجلانغانىقتىن، كاپىتالىستىك مۇناسىۋەت ياۋروپادىكى فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاستا - ئاستا شەكىللەنگەن، مەدەنىيەتتىمۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلۈشكە باشلىغان. شۇ دەۋردىكى ئاساسىي پىكىر ئېقىمى گۇمانىزم يەنى بۇرژۇئازىيە شەخسىيەتچىىك دۇنيا قارىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەكىردۇنياچىلىققا ۋە دىنىي قاراشقا قارشى تۇرۇپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە سالغان كىشەنلىرىدىن قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئىلاھىيە ۋە مەدرىسە پەلسەپىسى ئاساسىدىكى بارلىق نوپۇز ھەم ئەنئەنىۋى دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت، تەبىئىي پەن جەھەتتە كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دۇنيانى خۇدا ياراتقان دەيدىغان دىنىي رىۋايەتلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن، كولۇمبۇ ۋە ماگېللان قاتارلقلارنىڭ جۇغراپىيىدىكى كەشپىياتى يەر يۇمىلاق تەلىماتىنى رەت قىلغۇسىز ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن؛ گالىلېنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا جەھەتلەردىكى كەشپىياتى، ئىنسانلارنى ئادەمگە نىسبەتەن يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلغان. سىياسىي جەھەتتە، فېئودال تەپرىقچىلىك ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىللىي ئاڭ ئويغىنىشقا باشلىغان، ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى مىللەتنىڭ بىرلىكنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان. مىللەت شەكىللىنىش داۋامىدا تەدرىجىي ھادا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت بارلىققا كېلىپ، تەدرىجىي ھالدا مىللەتلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن تىلى شەكىللەنگەن، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى گەرچە ئىلىم - پەن، ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي شارائىتلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەرقايسى ئەللەر ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىشقان. ئىتالىيىدە شېئىرىيەت، رەسساملىق، ئويمىچىلىق، بىنكارلىق، مۇزىكىچىلىق كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شەخسلەر شائىر دانتى ۋە پىترارك، يازغۇچى بوككاككىئو، بىناركارلىق ئۇستىسى فىلىپپو برونېللېسكى (1377 - 1446)، رەسسام ساندرو بونتىكېللى (1445 -1510)، داۋىنچ، رافائېللو، تىزىئانو، ئويمىچىلىق مۇتەخەسسىسى مىكېلانگېلو، مۇزىكانت پالاسترىنا (تەخمىنەن 1525 - 1594)، قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. گېرمانىيىدە دىنىي ئىسلاھات، دېھقانلار ئۇرۇشى، ھەجۋىي ئەدەبىيات ۋە پەن تېخنىكا كەشپىياتى جەھەتلەردىن ئىپادىلەنگەن. فرانسىيىدە ئەركىن ئىدىيە بىلەن گۇمانىي ئىدىيە خېلى تەرەققىي قىلغان، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شەخسلەر نەسىرچىلىك مۇتەخەسسىسى مونتائىگنې (1533 - 1591) بىلەن رومانچى رابېلائىس قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەنگلىيىدە شېئىرىيەتچىلىك ۋە درامىچىلىق مىسلىسىز گۈللەنگەن بولۇپ، ئاساسلىق ۋەكىلى شېكسپېر، <ئوتوپىيە> نىڭ ئاپتورى مورېمۇ ئەنگلىيە گۇمانىزمنىڭ مۇھىم ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شەخسلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
wén yì fù xīng
ئەدەبىيات - سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش
Dئىستېتىكا
wén yì fù xīng
ئەدەبيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى