Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
文特里斯
دۇنيا تارىخى
ۋېنترىس
(1922 - 1956)، ئەنگلىيىلىك تىلشۇناس. دوكتور، ئەنگلىيە كلاسسىك ئىلمىي جەمئىيىتنىڭ تەتقىقاتچىسى. ئارخېتىكتور بولغان. كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ تىل جەھەتتىكى قابىلىيىتى كۆرۈنگەن ھەمدە ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولغان. ئېگېي مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ئارخېئولوگىيە دوكلاتىنى ئوقۇغان، بولۇپمۇ ئېۋانسنىڭ كىرىت ئارىلى (ھىنوس سارىيى) نى قېزىش دوكلاتىنى ئوقۇپ، ئېگېي قەدىمكى يېزىقلىرىنى چۈشىنىشكە قىزىققان، سادۋىك بىلەن ھەمكارلىشىپ، مېكىناي، پىلوس قاتارلىق جايلاردىن چىققان سېغىز توپىدىن ياسالغان مەتبەئەگە ئاساسەن، 1952 - يىلى يىپسىمان ھەرپ <B> (ئېگېي قەدىمكى يېزىقىنىڭ بىر خىلى) نى ئوقۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئىككىنچى يىلى <مېكىناي ئارخىپىدىكى يۇنان شىۋىسىدىكى ئاساسلار> دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، يىپسىمان ھەرپ <B> يۇنان تىلىدا خېلى بۇرۇن بىلىنگەن شەكىل دەپ ھېسابلىغان. 1956 - يىلى سادۋىك بىلەن بىرگە <مېكىناي دەۋرىدىكى يۇنان ھۆججەتلىرى> دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ قەدىمكى تارىخ ئېلمىدىكى مۇھىملىقى ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، ئۇ ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا تاپقان.