Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
文化同盟
دۇنيا تارىخى
مەدەنىيەت ئىتتىپاقى
تولۇق نامى: بارلىق رومىنيىلىكلەر مەدەنىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىتتىپاقى. مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئورگان. 1890-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش شتابى بۇخارستتا تەسىس قىلىنغان. كېيىن نىكولاي ئىئورگا ئۇزۇن ۋاقىت رەھبەرلىكنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان. جەنۇبىي كاريات تېغىنىڭ شىمالىدىكى تىرانسىلۋانىيىدىكى رومىنىيىلىكلەرنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنى قوللىغان. 1892 - 1894-يىللىرى <ئەسلەتمە ھەرىكىتى>دە چەت ئەللەردە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، مىللىي ئاڭنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە تۆھپە قوشقان.