Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
文斌王
دۇنيا تارىخى
ۋىن ۋۇۋاڭ
چاۋشيەن سىللا پادىشاھى (661 - 681)، فېئودال دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگۈچى. فامىلىسى جىن، ئىسمى فامېي. تەيزۇڭ ۋۇلېيۋاڭنىڭ ئوغلى. مىلادى 650 - يىلى تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە بارغان، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىنى، مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كىرگەن. 654 - يىلى ھەربىي مەھكىمىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشى ئۈچۈن ھەربىي كۈچلەرنى توپلىغان. 655 - يىلى ۋەلىئەھد بولغان. 660 - يىلى دادىسىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ پېكچىنى يوقاتقان. يەنە پېكچىنىڭ قايتا گۈللىنشى ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. خانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن، 663 - يىلى جىن گېڭشىن قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئارمىيىسىنى باشلاپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بەيسۇن دەريا ئېغىزىدا چېكچىگە ياردەمگە كەلگەن ياپون دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 668 - يىلى قوشۇننى باشلاپ تاڭ قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ كورىيىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، پېكچى، كورىيىلەرنىڭ بۇرۇنقى جايىدىكى خەلقلەرنىڭ تاڭ سۇلالىسىگ قارشى كۈرىشىنى قوللاپ، 670 - يىلى پېكچىنىڭ بۇرۇنقى يەرلىرىنى قايتۇرۇۋالغان. 675، 676 - يىللىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن كەسكىن ئۇرۇشۇپ، تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىكە كەلتۈرگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە، بۇيرۇقنى رەت قىلغان، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. يەرلىك، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئىشلىتىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن، قانۇن تۈزۈمنى تۇرغۇزۇپ خانلىق ھوقۇقنى مۇستەھكەملىگەن. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ۋىن ۋۇۋاڭ نامى بېرىلگەن.