Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
微体
تېببىي
微体(细胞)
wēi tǐ
مىكرو تەنچە، ئۇششاق تەنچىلەر
بىئولوگىيە
مىكرو تەنچە
سىتوپلازمىدىكى بىر قەۋەت بىرلىك پەردە ئوراپ تۇرىدىغان شارسىمان ياكى ئېللىپىس دانىچىدىن ئىبارەت بىر خىل ھۈجەيرە ئورگىنى بولۇپ، دىئامېترى ئادەتتە 5.0 مىكرو كېلىدۇ. ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. مىكرو تەنچىنىڭ تەركىبىدە مېتابولىزم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېنزىملار، مەسىلەن، ئۇرىك ئوكسىدازا، گىدرو پېروكسىدازا، ئىزولىمون ئاتسىدازىلار بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە بولىدىغان ئېنزىم ئەھۋالى ۋە بەدەندىكى فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسىگە ئاساسەن، پېروكسىسوما (peroxisome) ۋە گلىئوكسىسوما (glyoxysome) دىن ئىبارەت ئىككى خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ، بۇلارنىڭ ئالدىنقىسى ھايۋان ھۈجەيرىسى بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق گۆشى ھۈجەيرىسىدە، كېيىنكىسى پەقەت ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدىلا بولىدۇ. پېروكىسىسومىنىڭ ھايۋان ھۈجەيرىسىدىكى رولى ئېنىق ئەمەس. ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدىكى ئىككى خىل مىكرو تەنچىنىڭ تەركىبىدىكى ئېنزىملىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئىككىلىسىلا بەزى كاربون - سۇ بىرىكمىسى بولمىغان ماددىلارنىڭ كاربون - سۇ بىرىكمىلىرىگە ئايلىنىش رولىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.