Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
尾索动物
دائىرە: بىئولوگىيەقۇيرۇق خوردىلىق ھايۋانلار
<يېپىنچا خالتىلىقلار> (Tunicata) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەسلەپكى خوردىلىق ھايۋانلارغا كىرىدۇ. خوردىلىق ھايۋانلار تىپىدىكى بىر كەنجى تىپ. خوردىسى پەقەت قۇيرۇقى بىلەنلا چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. تېنى يېپىنچا خالتا دېيىلىدىغان بىر خىل تۈزۈلۈشكە ئورىلىپ تۇرغاچقا يەنە <يېپىنچا خالتىلىق ھايۋانلار> دەپ ئاتالغان. يېپىنچا خالتا تەن دىۋارى ئاجرىتىپ چىقارغان تۇنىتسىندىن شەكىللەنگە، ئۇنىڭ تەركىبى ئۆسۈملۈكنىڭ سېلليۇلوزىسىغا ئوخشاش بولۇپ، ھايۋاناتلار دۇنياسىدا ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ. بەدىنىدە ئىككى تۆشۈك بولۇپ، بىرى سۇ كىرىش سىفونى، يەنە بىرى سۇ چىقىرىش سىفونىدىن ئىبارەت. سۇ كىرىش سىفونىنىڭ ئارقا تەرىپىدە يۇتقۇنچاق قىسمى دېيىلىدىغان بىر خالتا بولۇپ، ئەتراپىدا ژابرا يېرىقچىلىرى بولىدۇ. سۇ كىرىش ئېغىزىدىن كىرگەن سۇ يۇتقۇنچاق قىسمىغا كىرىپ ژابرا ئەتراپى بوشلۇقىغا بارغاندىن كېيىن، سۇ چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتۈپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. يۈرىكىنىڭ دالانچە - قېرىنچە ئايرىمىسى بولمايدۇ، قان سۇيۇقلۇقى رەڭسىز سۈزۈك بولىدۇ. سەزگۈ ئورگانلىرى تەرەققىي قىلمىغان. دېڭىزلاردا يەككە ھالدا ياكى توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋانلار بولۇپ، مۇقىملىشى ياكى ئەركىن ھايات كەچۈرىدۇ. قوش جىنسلىق بولۇپ، ئادەتتە بىخ چىقىرىش ئۇسۇلى بويىچە كۆپىيىپ كالونىيە شەكىللەندۈرەلەيدۇ، جىنسلىق كۆپىيىش ۋە ئەۋلاد ئالمىشىش ھادىسىسىمۇ ئۇچرايدۇ. جىنسلىق كۆپىيىدىغانلىرىنىڭ تۇخۇمى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن نەچچە كۈندىلا تۇخۇمدىن چىقىپ، سۇدا ئۈزۈپ ھايات كەچۈرىدۇ، بالا تەنىسىنىڭ نېرۋا زەنجىرى، سەزگۈ ئاپپاراتى ۋە ژابرا يېرىقچىسى بولىدۇ، قۇيرۇقى بولۇپ ئىچىدە خوردىسى بولىدۇ، بارا - بارا قۇيرۇق قىسمى يوقىلىپ، نېرۋا زەنجىرى قورۇلۇپ مۇقىملىشىپ ھايات كەچۈرۈشكە ئۆتىدۇ (يېتىلگەن تەنىسى يەنىلا ئەركىن ئۈزۈپ ھايات كەچۈرىدىغان خىللىرىمۇ بولىدۇ). بۇ خىلدىكى ھايۋانلار ئۈچ سىنىپقا بۆلۈنىدۇ. ئاساسلىق تۈرلىرى؛ قۇيرۇقلۇق ئاسسىدىيە سىنىپى (Appendiculariae) ياكى قۇمچاقسىمانلار سىنىپى (Larvacea) دىكى قۇيرۇقلۇق ئاسسىدىيە ۋە بولقىسىمان ئاسسىدىيە. ئاسسىدىيە سىنىپى (Ascidiacea) دىكى ساپاقلىق ئاسسىدىيە ۋە گۈللۈك ئاسسىدىيە، جامسىمان ئاسسىدىيە سىنىپى (thaliacea) دىكى جامسىمان ئاسسىدىيە ۋە سالپا قاتارلىقلار.
دائىرە: ئۇنىۋېرسالwěi suǒ dòng wù
قۇيرۇق خوردىلىق ھايۋانلار، ئۇروخوردات
GetWord كۇللىياتى
ئاھاڭ: 8wěi suǒ dòng wù
قۇيرۇق خوردىلىق ھايۋانلار، ئۇروخوردات
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.