Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
微生物培养法
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى
مىكرو ئورگانىزملارنى سۈنئىي شارائىتتا ئۆستۈرۈپ كۆپەيتىش ئۇسۇلى. ئورگانىزملارنىڭ ئوزۇقلۇق، تېمپېراتۇرا، ھاۋا، سۇ ۋە PH قا بولغان تەلىپىنىڭ ئوخشىماسلىقى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىقات تەلىپى ۋە ئەمەلىي شارائىتقا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئۆستۈرۈش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، يانتۇ يۈزدە ئۆستۈرۈش، تۈز يۈزدە ئۆستۈرۈش، ھاۋا ئۆتكۈزۈپ ئۆستۈرۈشتىكى چايقاپ ئۆستۈرۈش ۋە چوڭقۇر قاتلامدا ئۆستۈرۈش ئوكسىگېنسىز ئۆستۈرۈش ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار. بۇ ئۆستۈرۈش ئۇسۇللىرى پەن تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.