Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
威尼斯.土耳其战争
دۇنيا تارىخى
ۋىنىتسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى
ⅤⅩ - ⅧⅩ ئەسىرلەردىكى ۋىنىتسىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش يەتتە قېتىم بولغان: (1463 - 1479، 1499 - 1502، 1538 - 1540، 1570 - 1573، 1645 - 1669، 1684 - 1699، 1714 - 1718). ۋىنىتسىيە جۇمھۇرىيىتى نېئاپول پادىشاھلىقى، ئىسپانىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە رىم پاپاسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. 1571 - يىلى 10 - ئايدىكى لېپانتو دېڭىز ئۇرۇشىدا تۈركىيە فلوتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. لېكىن تۈركىيە ئومۇمىي ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن ئېيتقاندا ئۈستۈنلۈك ئورۇندا تۇرۇپ، ۋىنىتسىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى بارلىق يەرلىرىنى، جۈملىدىن سىپرۇس ئارىلى، كرىت ئارىلى ھەمدە پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ بويىدىكى بىر قىسىم يەرلىرىنى تارتىۋالغان. تۈركىيە بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق ئۇرۇش ۋىنىتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارا - بارا زەئىپلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.