Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
威廉王之战
دۇنيا تارىخى
پادىشاھ ۋىللىيام ئۇرۇشى
1689 - 1697-يىللىرى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنى تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى (ياۋروپادا ئاۋگۇسبۇرگ ئىتتىپاقى ئۇرۇشى دەپ ئاتىغان). ئەنگلىيە كورۇلى ۋىللىيام Ⅲ (يەنى ۋىللىيام ئورانگې) ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅣ نىڭ ياۋروپاغا زومىگەر بولۇشىغا قارشى تۇرغان. لېكىن فرانسىيە گراف فرونتېناكنىڭ (1620 - 1698) ئىندىئانلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق 1690-يىلى 2-ئايدا نيۇ - يوركتىكى ۋېكېنېكتادى دېگەن جاينى ئىشغال قىلىۋالغان. ئەنگلىيىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى مەغلۇپ بولغان. 1697-يىلى ئىككى تەرەپ <رىجىسۋىك سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان، ئەنگلىيە فرانسىينىڭ ئۇرۇش داۋامىدا ئىگىلىۋالغان رايونلىرىنىڭ فرانسىيىگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان شۇنىڭدەك ئەنگلىيە بېسىۋالغان رويال پورتىنى فرانسىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.