Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
威廉
دىن
威廉(奥兰治的
wēi lián
基
خىرىستيان دىنى
ۋىللىئام ئورانگې
دۇنيا تارىخى
ۋىليام
(1) ۋىليام (ئىستېلاچى)، تەخمىنەن 1027 - 1087( ئەنگلىيە كورۇلى )1066 - 1078(. نورماندى گېرتسوگى روبېرتنىڭ ئوغلى. 1035 - يىلى دادىسى قازا تاپقاندىن كېيىن مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1063 - يىلى مائىنې بەگلىكىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، ئىككىنچى يىلى برېتاگنې گرافىنى ئىتائەت قىلىشقا مەجبورلىغان. 1066 - يىلى 1 - ئايدا ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد )توۋا قىلغۇچى( ئۆلگەن. 9 - ئايدا، ۋىليام ئېدۋارد ھايات ۋاقتىدا ئەنگلىيىنىڭ كورۇللۇق ئورنغا ۋارىسلىق قىلىشقا ماقۇل بولغان دېگەننى باھانە قىلىپ، نورماند ئاقسۆڭەكلىرى ۋە فرانسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رېتسارلارنى توپلاپ، پاپانىڭ قوللىشى بىلەن دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئەنگلىيىەە تاجاۋۇز قىلغان. 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، خاستىن جېڭىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئارقىدىنلا لوندوننى بېسىۋالغان، 12 - ئايدا ئۆزى ئەنگلىيىنىڭ كورۇلى بولۇپ، ۋىليام Ⅰ )تارىختا <ئىستېلاچى> دەپ ئاتالغان( دەپ ئاتىغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى نورماند ئاقسۆڭەكلىرىنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىگەن؛ ئانگلو - ساكسون ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يەرلىرىنى كۆپلەپ مۇسادىرە قىلىپ، بۇ يەرلەرنىڭ يەتتىدىن ئالتە قىسمىنى نورماند ئاقسۆڭەكلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يەتتىدىن بىر قىسمى ھەمدە كۆپلىگەن ئورماننى خان جەمەتلىرىگ قالدۇرغان، شۇنىڭدەك كورۇلغا ۋاسىتىلىك قارايدىغانلارمۇ جەزمەن كورۇلغا سادىق بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. يەر ئىگىلىرىنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئەركىن دېھقانلار يانچىلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. 1086 - يىلى باج - سېلىق يىغىش ئۈچۈن يەر ۋە مال - مۈلۈكلەرنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تىزىملىك تۇرغۇزغان. تارىختا بۇ <ئاخىر زامان ھۆكۈمنامىسى> دەپ ئاتالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅰ )1052 - 1108( بىلەن ئۇرۇشۇپ، فرانسىيىنىڭ رۇئېن ئەتراپىدا ئۆلگەن. )2( ۋىليام )ئورانگېلىق، 1533 - 1584(. نىدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى سىياسىئون. گېرمانىيىدىكى ناسسۇدا تۇغۇلغان، كېيىن ئورانگې گېرتسوگنىڭ زېمىنىگە ۋارىسلىق قىلىپ شاھزادە بولغان. مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ نىڭ تەيىنلىشى بىلەن 1555 - يىلى گوللاندىيە قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1565 - يىلى ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، ئىككىنچى يىلى باش ۋالىي ماگرېتقا دىنىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1567 - يىلى يېڭى باش ۋالىي ئالۋارېز نىدېرلاندىيىدە ئاق تېررورلۇق ھاكىمىيەت ئورناتقاندىن كېيىن، گېرمانىيىگە قېچىپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردە پروتېستانت بەگلىكلىرى ۋە فرانسىيە خۇگۇئېنوتچىلارنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ياللانما ئارمىيە توپلاپ، نىدېرلاندىيىگە بىر نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. 1572 - يىلى نىدېرلاندىيىنىڭ شىمالىدىكى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ، شىمالىي تەرەپتىكى ئۆلكىلەرنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1584 - يىل 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ ئەۋەتكەن جاسوس گېرارد )1558 - 1584( تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
威廉〈巴布、挪〉
wēi lián
ۋىلخېلمDتارىخ
wēi lián
ۋىلھىلىم