Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
威克里夫
دىن
wēi kè lǐ fū
基
خىرىستيان دىنى
ۋىكلىف، يوھان ۋىكلىف
دائىرە: دۇنيا تارىخىۋىكلىف
(تەخمىنەن 1320 - 1384) ئەنگلىيىلىك دىنىي ئىسلاھاتچى، ياۋروپا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسى. ئوكسىفورد داشۆسىنىڭ تىنولوگىيە پروفېسسورى، پوپى بولغان. ئەنگلىيە - فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشى ۋە پاپا ئاۋىگنون دەۋرىدە ياشىغان. ئۇنىڭ دىنىي ئىسلاھات تەشەببۇسى: رىم ۋاتىكاننىڭ ئەنگلىيىدىن ئولپان ئېلىشقا شۇنىڭدەك ئەنگلىيىنىڭ مىسسىئونېرلىرىغا روھانىي ۋەزىپە بېرىشكە ھوقۇقى يوق؛ ۋاتىكاننىڭ كونتروللۇقىدا بولغان ھەمدە ئەنگلىيە كورۇلىغا قاراشلىق مىللىي چېركاۋ قۇرغان؛ دىنىي مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇش، چېركاۋلارنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، دەھرىي ئاقسۆڭەكلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش؛ ئىبادەت قىلىشتا لاتىن تىلىنىڭ ئورنىغا ئىنگلىز تىلنى قوللىنىش؛ <ئىنجىل> نىڭ نوپۇزى چېركاۋدىن ئۈستۈن بولۇش، مۇرىتلار چېركاۋغا ئەمەس، بەلكى خرىستوسقا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇ <ئىنجىل> نى لاتىنچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ تەلىماتى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە رىتسارلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن؛ 1415 - يىلى كونستانتىن يىغىنىدا ۋىكلىف بىدئەت دەپ جاكارلانغان ھەمدە ئۇنىڭ جەسىتىنى گۆرىدىن چىقىرىپ كۆيدۈرۈپ تاشلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.