Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
万叶集
دىن
wàn yè jí
神
<مانيوـ شۇ>
دۇنيا تارىخى
سان - ساناقسىز يۇپۇرماقلار توپلىمى
ياپونىيەنىڭ قەدىمكى شېئىرلار توپلىمى. مىلادى Ⅶ ئەسىردىن Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 4500 كۇپلېت شېئىر كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئاھاڭى خەنزۇچە خەت بىلەنئىزاھلانغان. ئۇنىڭدا قوشاق، قىسقا قوشاق قاتارلىق ژانېردىكى شېئىرلار بار ئىدى. تەھرىرى توغرىسىدىكى گەپلەر ئوخشاشمايتتى، ئۇنى ئەڭ ئاخىرى ئوتومې لېموچى (تەخمىنەن 718 - 781) توپلام قىلىپ چىقارغان. جەمئىي 20 جىلد. ئەسەر ئومۇمەن تۆت دەۋرگە بۆلۈنگەن:بىرىنچى دەۋرى سىمارتا قوشاقلىرىدىن 672 - يىل (مىبۇمى توپىلىڭى)غىچە، يازغۇچىلاردىنئىتوكۇچى، ئاكىراتېننو، تېنجى مىتسۇ، شاھزادە ئومىتوكىيو، شاھ كاكۇتا قاتارلىقلار بار ئىدى. ئىككىنچى دەۋرى 672 - 710 - يىللىرى (پايتەخت بېيجىڭغا يۆتكەلگەن)دىن ئىلگىرى، كاكىموتو خىتومارۇ، تاكاچى كۇرۇخىتو مۇشۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. ئۈچىنچى دەۋرى 710 - 733 - يىلدىن بۇرۇن، شېئىر تەسەۋۋۇرىدا شەخسنىڭ قابىلىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇنىڭدا خان سارىيىنى مەدھىيلەشكە ۋارىسلىق قىلغان يامابې كاتو، جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئوتۇموتابىتو (635 - 731) بار ئىدى، كىشىلىك ھاياتنى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سانجۇ مۇشىمارو (660 - 337)، رىۋايەتلەرنى مەدھىيلەيدىغان تاكاخاشى مىستسومارو بار ئىدى. تۆتىنچى دەۋر 733 - 759 يىلدىن بۇرۇن، ئوتومې لېموچى ۋەكىللىك قىلغان دەۋر؛ قەدىمكى خۇشخۇي قوشاقلار زەئىپلىشىپ، ئاھاڭ بارا - بارا مۇقىملاشقان، بۇنىڭدىن باشقا، مەسىلەن <شەرق كۈيى>، <خوختو كۈيلىرى> دە شەرقنىڭ ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى ئوچۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئېدو دەۋرىدە، كېئى توسۇكۇ (1640 - 1170)يازغان <سان - ساناقسىز يوپۇرماقلار خاتىرىسى>، كاموچى ماسازۇمى (1791 - 1858)يازغان (<سان - ساناقسىز يوپۇرماقلار توپلىمىنىڭ قەدىمكى مەنىسى> دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئىزاھات كىتابى ھېسابلىنىدۇ.