Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
完全再认与不完全再认
پسىخولوگىيە
تولۇق تونۇش ۋە تولۇقسىزتونۇش
تونۇش ئېنىق (تولۇق) ۋە ئېنىقسىز (تولۇقسىز) بولۇشى مۇمكىن.
تونۇش تونۇشتا ئىدراك قىلىنىۋاتقان نەرسىگە دائىر ئىلىگىرى ھاسىل بولغان تەسەۋۋۇر ۋە پىكىرلەر ئېڭىمىزدا تىكلىنىدۇ، ئەنە شۇ تەسەۋۋۇر ۋە پىكىرلەر بىر مۇنچە باشقا تەسەۋۋۇر ۋە پىكىرلەر بىلەن باغلىنىپ يادىمىزغا كېلىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بىز شۇ نەرسىنى قەيەردە ۋە قاچان كۆرگىنىمىزنى دەرھال يادىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز، مەسىلەن: بىز بىر كىشى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ ئۆزىنى تونۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىلىگىرى ئۇنىڭ بىلەن قەيەردە، شارائىتتا ئۇچراشقانلىقىمىزنى، نېمە توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقىمىزنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىمۇ ئېنىق ئەسلىيەلەيمىز.
تولۇقسىز (نا ئېنىق) تونۇشتا، شۇ نەرسىنى ئىدراك قىلىش بىلەن باغلىق بولغان بەزىبىر تەسەۋۋۇر، ھېس ۋە پىكىرلەرلا غۇۋا ئېسىمىزگە كېلىدۇ. بىز بۇ نەرسىنىڭ بىزگە تونۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. لېكىن بۇ تەسەۋۋۇر ۋە پىكىرلەر خۇددى شۇ نەرسىنى ئىلگىرى كۆرگەندە تۇغۇلغان تەسەۋۋۇر ۋە پىكىرلەرگە باغلانمىغان ھالدا يادىمىزغا كېلىدۇ، مەسىلەن: بىر كىشى كۆزىمىزگە ئىسسىق كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئۇنى قاچان، قەيەردە كۆرگەنلىكىمىزنى ئەسلىيەلمەيمىز.
تولۇقسىز تونۇش بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن ئېنىق (تولۇق) تونۇشلۇققا ئۆتىدۇ، بۇنىڭغا شۇ نەرسە بىلەن ئۇچراشقان يەرنى ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىتىش ياكى شۇ نەرسىنى ئىلگىرى قەيەردە كۆرگەنلىكىمىزنى يادىمىزغا كەلتۈرۈشىمىزنىڭ ئۆزى ياردەم بېرىدۇ.
تونۇش جەريانىدا ئىدراك قىلىنىۋاتقان نەرسىنىڭ نامى چوڭ رول ئوينايدۇ. نەرسىنىڭ نامى بىلەن شۇ نەرسىنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىسىدا پۇختا باغلىنىش ھاسىل بولىدۇ ۋە بىرەر نەرسىنىڭ نامى يادىمىزغا كەلگەندە، شۇ نەرسىگە ئالاقىسى بولغان باشقا تەسەۋۋۇر مەسىلەن: بىز بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزدا ئۇنى تونۇيالمىساق، ئىسمىنى ئاڭلىساقلاق دەرھال كىم ئىكەنلىكى ئېسىمىزگە كېلىدۇ.
بىز ئىلگىرى ئىدراك قىلغان نەرسىلەرنىلا تونۇپ قالماستىن، بەلكى كىتابتىن ئوقۇپ، ياكى باشقا كىشلەردىن ئاڭلاپ خىيالىمىزدا يارىتىلغان ئوبرازلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقلىرىنى تونۇۋالىمىز، بۇ تەسىراتقا تايىنىپ تونۇشتۇر. مەسىلەن: سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىلگەن ھايۋاننى ھايۋانات باغچىسىدا كۆرۈپ تونۇشىمىز مۇمىكىن.
تونۇش ھەر بىر ئىدراك جەريانىنىڭ تەركىبىي ئېلېمېنتىدۇر.