Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
王德威尔得
دۇنيا تارىخى
ۋاندېرۋېلد
(1866 - 1938) بېلگىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئوڭ قانات باشلىقلىرىنىڭ بىرى. ئىكسېللېستا تۇغۇلغان. بىريۇسسېل داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئادۋوكات، پروفېسسور بولغان. 1885 - يىلى بېلگىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن ھەمدە مەزكۇر پارتىيىنىڭ باشلىقى بولغنا. 1894 - يىلى ئاۋام پالاتاسىغا ئەزا بولغان. 1900 - يىلدىن باشلاپ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىيىگە رەئىس بولغان. 1914 - يىلى بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتى كابىنېتىغا قاتناشقان. 1917 - يىلى روسىيىنىڭ فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن روسىيىگە بېرىپ كىرىنىسكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشقا قۇتراتقان. كېيىن روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان. 1918 - 1921 - يىللىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1925 - 1927 - يىللىرى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1935 - 1936 - يىللىرى بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1936 - 1937 - يىللىرى ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەزىرى بولغان، <ۋېرسال شەرتنامىسى>، <لۇگگارۇس ئەھدىنامىسى> قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان. <1885 - 1925 - يىللاردىكى بېلگىيە ئىشچىلار پارتىيىسى>، <بېلگىيە سوتسىيالىزمى>، <سوتسىيالىزم دۆلەتكە قارشى تۇرىدۇ> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.