Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
瓦尔拉
دۇنيا تارىخى
ۋالرا
(1834 - 1910) فرانسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، لۇزاننا ئىلمىي ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. ئەسلىدە كانچىلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ئىدى. كېيىن كەسىپ ئۆزگەرتىپ مۇخبىر بولغان. 1870 - 1892 - يىللىرى لۇزاننا ئۇنىۋېرسىتېتىا سىياسىي ئىقتىساد پروفېسسورى بولغان. چەتكى ئۈنۈم (ئۈنۈمدارلىق) قىممىتى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق ماددىي بايلىقلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى ئارقىلىق ئىنسانلار ئارزۇسىنىڭ قاندۇرۇلۇشىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان پەن، ئۇ، ئۈنۈمنىڭ كېمىيىپ بېرىش قانۇنىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئىقتىسادنىڭ مۇۋازىنەتلىكى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغاقويغان ھەمد ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تەتقىق قىلغان؛ ھەر خىل ئىقتىسادىي ھادىسىلەر، ئالايلۇق، تاۋار بىلەن تەمىنلەش، تەلەپ ۋە باھا قاتارلىقلار سانلىق مۇناسىۋەت بولۇپ ئىپادىلىنىپ، بىر - بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ، بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە مۇئەييەن شارائىتتا مۇۋازىنەتلىككە يېتىدۇ؛ ھەربىر ئىقتىسادىي ئۆزگەرگۈچى ساندىكى بىردىنبىر ھەل قىلغۇچ ئامىلنى سەۋەبىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىزدىمەستىن، بەلكى بۇ ئىقتىسادىي ئۆزگەرگۈچى سانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى فۇنكسىيىلىك مۇناسىۋەت قىلىپ ئىپادىلەپ، تەڭلىمىلەر سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىممىتىگە بىرلا ۋاقىتتا ئىگە بولۇش لازىم، دەپ ھېسابلىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <نوقۇل ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەزمونلىرى>، <ئىجتىمائىي بايلىق ھەققىدىكى ماتېماتىك نەزەرىيە> قاتارلىقلار بار.