Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋېزۇۋېي
دۇنيا تارىخى
维苏威山
wéi sū wēi shān
يەنى ۋېزۇۋېي يانار تېغى. ئىتالىيىنىڭ كامپانىيە رايونىدا، نېئاپولنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، مىلادىدىن 73 يىل ئىلگىرى، سپارتاك قوزغىلىڭىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مۇشۇ تاغنى بازا قىلغان. مىلادى 79 - يىلى رىم كالېندارى بويىچە 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئىمپېراتور تىتۇس ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، يانار تاغ تۇنجى قېتىم پارتلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى پومپېئي، ھېركۇلان قاتارلىق شەھەرلەر ماگما - لاۋا ئاستىدا قالغان. ⅩⅧ ئەسىردە ئارخېئولوگلار ئۇلارنىڭ خارابىلىرىنى قېزىشنى باشلاپ، نۇرغۇنلىغان قاچا - قۇچىلار، قورال - سايمانلار ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى تاپقان، بۇ نەرسىلەر رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ تاغ ھازىر ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئاتاقلىق ئۆچمىگەن يانار تاغ بولۇپ، ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 1280 مېتىر كېلىدۇ.