Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋېئى جېڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى维爱伊战争
wéi ài yī zhàn zhēng
قەدىمكى رىملىقلار بىلەن ئېترۇسىسلارنىڭ ئۇرۇشى. ئۇرۇش ئاساسەن ئېترۇرىيىنىڭ مۇھىم شەھىرى ۋېئى ( رىم شەھىرىنىڭ شىمالىغا، تىپو دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان) دا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغنا. مىلادىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئېترۇسىسلارنىڭ كۈچى رىمدىن سىقىپ چىقىرىلغان، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ كۈرىشى يەنىلا بەزىدە توختاپ، بەزىدە داۋاملىشىپ تۇرغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 483 - 396 يىل ئىلگىرىكى ئۈچ قېتىم بىر قەدەر زور كۆلەملىك ئۇرۇش بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 405 - 396 - يىللاردا، 10 - يل قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، رىملىقلار ۋېئى شەھىرىنى ئاخىر ئىشغال قىلغان ھەمدە شەھەرنى ۋەيران قىلىپ، زېمىنىنى رىمغا قوشۇۋەتكەن، خەلقىنى قۇل قىلىپ ساتقان. شۇنىڭدىن باشلاپ رىم ئۆزىنى شىمالىي قوشنىسى ئېترۇرىيىنىڭ كەڭ رايونلىرىنى كونترول قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.