Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋېئاتلېي
دائىرە: دۇنيا تارىخى惠特利
huì tè lì
(تەخمىنەن 1753 - 1784). ئامېرىكىلىق نىگېر شائىر. ئافرىقىدىكى سېنېگالدا تۇغۇلغان. 1761 - يىلى بوستونغا بۇلاپ ئېلىپ بېرىلىپ، كىيىم سودىگىرى يوھان ۋېئاتلېيگە قۇل قىلىپ سېتىلغان. قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئىنگىلىزچىگە كامىل بولغان، گرىكچە ۋە لاتىنچىنى پىششىق بىلىۋالغان. 13 يېشىدىلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. 1773 - يىلى لوندونغا بارغان ھەمدە شېئىرلار توپلىمى <خىلمۇخىل كۈيلەر> نى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ توپلامدىكى شېئىرلىرىدىن ۋە ئەخلاق قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىپ، زوراۋانلىق ۋە قۇل قىلىشقا قارشى تۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي بوستونغا قايتىپ كەلگەن ۋە خوجايىنى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن. 1778 - يىلى بىر ئەركىن نىگېر بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. ئەسەرلىرى <فىللىس ۋېئاتلېينىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە شېئىرلىرى>، <فىللىس ۋېئاتلېينىڭ خەت - چەكلىرى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىگە مەلۇم تەسىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.