Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋۇ زۇڭچى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 1598 - 1698) مىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇددەرىس. ئۆلىما. جاڭنىڭ (ھازىرقى نەنجىڭ) لىك، خۇيزۇ. كىچىكىدە كۇڭزىنىڭ كىتابلىرىنى ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇغان. كېيىن ۋاڭ دەييۈيگە شاگىرت بولغان ھەمدە ھەمىشە چڭ جىمېيدىن ئۆگەنگەن. ئىسلام ئەقىدىلىرىنى تەتقىق قىلىپ نەتىجىە ياراتقانلىقتىن، نەنجىڭ، جىڭجاڭ، سۇجۇ قاتارلىق جايلاردا مۇددەرىسلىككە تەكلىپ قىلىندى. كاڭشىنىڭ 7 - يىلى (1668) <ئەددەلائىلۇل ئەبەدىيە فى ئەل شەرىئەتىل ئىسلامىيە> نى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ، تۆت يىلدا تاماملىدى. ئاندىن كېيىن، جىيەنى بىلەن بىرلىكتە <مىرسادۇن> نى ئالتە يىلدا تەرجىمە قىلىپ بولدى.