Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋۇكالوۋىچ
دائىرە: دۇنيا تارىخى武卡洛维奇
wǔ kǎ luò wéi qí
(1823 - 1873) ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى گېرتسېگوۋىنا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. قورال - ياراق ئۇستىسى بولغان. 1852 - 1862 - يىللىرى مونتېنېگرونىڭ قوللىشى ئاستىدا، گېرتسېگوۋىنا خەلقىنىڭ تۈركىيىنىڭ زۇلمىغا قارشى قوزغىلىڭىغا ئۈچ قېتىم رەھبەرلىك قىلغان. 1826 - يىلى تۈركىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، تۈركىيە شۇ يىلى مونتېنېگروغا بېسىپ كىرگەندە، بىتەرەپ تۇرغاچقا ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتكەن. تۈركىيە بىلەن سۆھبەت قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى قانائەتلەندۈررۈلمىگەچكە، 1864 - يىلى يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولغان، لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان. 1865 - يىلدىن باشلاپ روسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ، شۇ يەردە ئۆلۈپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.