Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋۇجۈيلەر
دۇنيا تارىخى
沃沮
wò jǔ
چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى جايلاردا ياشىغۇچى قەدىمكى زامان ئاھالىلىرى. ئۇلار فۇيۇكلەر، كورىيانلار بىلەن ئوخشاشلا مو مىللىتىدىن. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قەيت قىلىنغان ئەڭ دەسلەپكى يازما ھۆججەتلەرنى <ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقى تەزكىرىسى. كۈنچىقىشتىكى يات ئەللەر تەزكىرىسى> دە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇلار دەسلەپكى چاغلاردا ۋېي جەمەتى چاۋشيەن دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، مىلادىدىن 109 يىل ئىلگىرى خەن ۋۇدى ئەسكەر چىقىرىپ ۋېي جەمەتى چاۋشيەن دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلغان، ئىككىنچى يىلى ۋېي جەمەتىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۆت ۋىلايەت تەسىس قىلغان، ۋۇجۈي رايونى شۇەنتو ۋىلايىتى (بىرىنچى شۇەنتو ۋىلايىتى) بولغان، ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋۇجۈي شەھىرى (ھازىرقى خامگىيوڭ - نامدو ۋىلايىتى خامگىيوڭ ئەتراپىدىكى شېشيەن ناھىيىسى) دە بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي شۇەنتو ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ۋۇجۈي ناھىيىسى ناكران ۋىلايىتىگە تەۋە بولۇپ، شەرقىي كاھىبېگىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. شەرقىي خەن سۇلالىسى پاىشاھى گۇاڭۋۇدىنىڭ جيەنۋۇ 6 - يىلى (مىلادى 30 - يىلى) كۈنچىقىش باش كاھىبېگى مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋۇجۈي ئەمرى، ناھىيە بېگى بولغان، ئۇزۇن ئۆتمەي كورىيانلار تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. Ⅲ - Ⅱ ئەسىرلەردە ۋۇجۈيلەر جەنۇب، شىمال دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن، شىمالىي ۋۇجۈيلەر خامگيوڭ - پۇكتۇ ۋىلايىتى ۋە تۇمانگان دەريا ۋادىسى ئەتراپلىرىدا ياشىغان، جەنۇبىي ۋۇجۈيلەر بەزىدە شەرقىي ۋۇجۈيلەر دەپمۇ ئاتىلىپ خامگىيوڭ - نامدو ۋىلايىتى ئەتراپلىرىدا ياشىغان.