Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋۇچېڭ ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن كونا شوگنات ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش، بۇ ئۇرۇش شەمسىيە ۋۇچېڭ يىلى (1868 - يىلى، بېلىق يىلى) پارتلىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن: بىرىنچى باسقۇچ، توبا فۇشىمى ئۇرۇشىدىن تارتىپ ئېدو شەھەرنى ھەدىيە قىلىپ تەسلىم بولغانغا قەدەر. 1868 - يىلى پادىشاھلىق ھاكىمىيەت كونىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، توكۇگاۋا يوشىنوبۇ ئەسكەر چىقىرىپ پايتەختكە ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇش قوزغىغان. توبا فۇشىمۇ ئۇرۇشىدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شوگنات ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن ئەسكىرىي كۈچىنى ئۈچ يولغا بۆلۈپ ئېدوغا ھۇجۇم قىلىپ، يوشىنوبۇنى شەھەرنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئېدونى ئىشغال قىلغان، يوشىنوبۇ چېكىنىپ چىقىپ يۇرتى مىتوغا كەتكەن. ئىككىنچى باسقۇچ، دىكويودىكى ۋاسساللار ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئائىزۇ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر. ئېدو شەھەرنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولغاندىن كېيىن، شەرقىي شىمالدىكى ئائىزۇ، شونەيدىن ئىبارەت ئىككى ۋاسساللىق داۋاملىق قارشىلىق كۆرسەتكەن، ھۆكۈمەت ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرۇشنى قارار قىلغان. ئابىزۇ ۋە شونەي ۋاسساللىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 1868 - يىل 6 - ئاينىڭ 22 ـ كۈنى سېندەي، يونېزاۋا قاتارلىق 25 ۋاسسساللىق دىكو ۋاسساللار ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغاندىن كېيىن، شىنفاتيەن، ناگائوكا قاتارلىق شەرقىي شىمالدىكى ئالتە ۋاسساللىقمۇ قاتنىشىپ، دىكو ۋاسساللار ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى يەرلىك ئاممىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئېچىگو ئىراكاۋا، خىراگاتادىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ئەسكەر چىقىرىپ ئىلگىرىلىگەن. 9، 10 - ئايلاردا يونېزاۋا، سېندەي، ئابىزۇ، شونەي قاتارلىق چوڭ ۋاسساللار ئارقا - ئارقىدىن تەسلىم بولغان، دىكو ۋاسساللار ئىتتىپاقى ئاخىرى پارچىلىنىپ كەتكەن. ئۈچىنچى باسقۇچ: توكۇگاۋا شوگنات ئارمىيىسىىڭ كونا ۋەزىرى خوككايدۇنى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ گوريوكاكۇنىڭ قولىدىن كېتىشىگە قەدەر. 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، سابىق شوگنات دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ئېنومو تۇتاكېئاكى سەككىز ھەربىي پاراخوتنى باشلاپ ئېدو قولتۇقىدىن قېچىپ چىقىپ، خوككايدۇغا بارغان. 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خاكوداكى بازىرى بىلەن ۋۇلىڭگودىن ئىبارەت مۇھىم ئۆتكەلنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1869 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خاككوداتېدا شايىداۋ ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. ھۆكۈمەت دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىلىرىنى جازالاشقا ئەۋەتكەن. 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ماتسومائې شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغان. 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خاككوداتېغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، 6 - ئاينىڭ 27 ـ كۈنى گوديوگاكۇ مۇھىم ئۆتكەلنى بېسىپ ياتقان ئىنوموتوكىئاكىنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋۇچېڭ ئۇرۇشى بىر قېتىملىق كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان ئىچكى ئۇرۇش بولۇپ، بۇ ئۇرۇش شوگناتنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى ۋەيران قىلىپ، غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۈيىقەستلىرىنى تارمار قىلىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن قۇرۇلغان بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنى مۇستەھكەملىگەن.